Ad
ئورنىڭىز : باش بەت > ئاسىيا ساياھەت نۇقتىلىرى > مەزمۇنى

ھىندىستان بىلەن تونۇشۇش


2012-2-18 13:29:10
ھىندىستاننىڭ تۇلۇق ئاتىلىشى : ھىندىستان جۇمھۇرىيىتى بولۇپ ، ئاسىيانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان . جەنۇبىي ئاسىيادىكى قۇرۇقلۇق كۆلىمى ئەڭ چوڭ دۆلەت ، بېنگال دۆلىتى ،بېرما ، جۇڭگو ،بۇتان ، نىپال ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگىرلىنىدۇ ؛ سېرلانكا ،ھىندونىزىيە ۋە مالدىۋى بىلەن دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ . قەدىمقى ھىندىستانلىقلار پارلاق قەدىمىي مەدىنىيەت يارىتىپ ، تارىخى ئۇزۇن «قەدىمىي مەدىنىي دۆلەت» لەرنىڭ بىرى بولغان . ھىندىستان جەلىپكار بولغان كۆپ خىللىققا ۋە مول بولغان مەدىنىي مىراسلار ۋە ساياھەت بايلىقىغا ئىگە .ھىندىستان شۇنداقلا دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرى بولغان بۇددا دىنىنىڭ پەيدا بولغان ماكانى .ھىندىستان دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ،بىراق يەنىلا جەمئىيەت بايلىقىنىڭ تەقسىملىنىشى تەكشى بولمىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت .ھىندىستان ئالبۇرۇنلا يۇمشاق دېتال ئېكىسپورت ساھەسىنىڭ ھۆكۈمرانى ؛ پۇل مۇئامىلە ، تەققىقات ، تېخنىكا مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم چىقىش دۆلىتى .
 بانگالور شەھىرى _ بۇ شەھەر ھىندىستاننىڭ ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان شەھىرى بولۇپ ،ئىككى بۆلۈنگەن ،كونا ۋە يېڭى شەھەر ،كونا شەھىرى سودا رايونى،يېڭى شەھەر سانائەت رايونى . بۇ شەھەرنىڭ يەنە "كىرىمنىي جىلغىسى" دەپ چىرايلىق نامى بار .




بانگالورنىڭ يەنە داڭلىق "باغچا شەھەر"دېگەن نامى بار . بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە باھاردەك بولۇپ،ئادەمگە بەك ماس كېلىدۇ .بۇ شەھەرنىڭ قاتنىشى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان ئىنتايىن گۈزەل بىر شەھەر . 


ھىدىستاننىڭ رەھبىرى : پىراتىھا پاتىل
پايتەختى : يېڭى دېھلى
ئاساسلىق شەھەرلىرى : بانگالور ، بومباي ، كالكۇتا
ئاساسلىق مىللىتى : ھىندىستان مىللىتى ، تېلېگۇ مىللىتى ، بېنگال مىللىتى
ئاساسلىق دىنى : ھىندى دىنى ، ئىسلام دىنى ۋە شىك دىنى
ئاساسلىق تىلى : ھىندى تىلى ،ئېنگىلىز تىلى
يەر مەيدانى : 298مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىر
دۆلەت بايرىمى كۈنى : 1947.يىل 8.ئاينىڭ 15.كۈنى
پۇل بىرلىكى : رۇبلى
 
تاج ماخال مەقبەرىسى




تاج ماخال



قەدىمىي قەلئە


 
ھىندىستانلىقلارنىڭ ئادىتى : بۇ دۆلەتنىڭ تۆت چوڭ ئەنئەنىۋى مۇراسىمى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە كىزىپ بارغان بولۇپ ، چېگىردىن ئاتلاپ رەسمىي يۇسۇنغا ئايلانغان . بۇنىڭدىن باشقا ، ھىندىستانغا ساياھەتكە بارسىڭىز ،چۇقۇم ھىندىستاننىڭ 10 تۈرلۈك ئالاھىدە ئادىتى ۋە ئالتە چەكلەنگەن ئىشىنى بىلىسىڭىز ،سىز ھىندىستاندا كۈڭۈللۈك ئويناپ،تىنىچ –ئامان قايتىپ كېلەلەيسىز .
ھىندىستان دەرۋازىسى



گەندىنىڭ مۇزىيخانىسى




گەندىنىڭ قەبرىسى

ھىندىستاننىڭ يېمەكلىك ئادىتى : كۈندىلىك يېمەكلىك ئادىتىدە ، جەنۇب ۋە شىمالنىڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭ.شىماللىقلار بۇغداي،قوناق ، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ ،بولۇپمۇ« چايىبات» دەيدىغان نىپىز پوشكالغا بەك ئامراق . جەنۇب ۋە شەرىق رايوندىكى كىشىلەر گۈرۈچنى ئاساس قىلغان قۇرىمىلارنى بەك ياخشى كۆرىدۇ . ئۇمۇميۈزلۈك بولسا ھىندىستانلىقلار ئاچچىق ۋە تەركىبىدە كۇررى بولغان تائاملارنى بەك ياخشى كۆرۈپ يەيدۇ ؛ ئىچىملىك سۈيى ۋە ئىچىملىك جەھەتتە بولسا ، ھىندىستانلىقلار ۋە غەرىبلىكلەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ ، قايناقسۇ ئىچىش ئادىتى يوق ،ئادەتتە مۇزدەك سۇ ياكى ئىچىملىك قىزىل چېيى ، سۈت ۋە قەھۋە ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ .
 

ھىندىستاندىكى دۆلەتلىك مۇزىيخانا



ھىندىستاندىكى گانگى دەرياسى



ھىندىستاندىكى قەدىمىي قۇرۇلۇشلار
ھىندىستاننىڭ تەبىئىي بايلىق مەنبەسى :
ھىندىستاننىڭ قېزىلما بايلىقلىرى بەك مول بولۇپ ،ئاليومىننىڭ مىقدارى بىلەن كۈمۈر زاپىسىنىڭ مىقدارى دۇنيا بويىچە 5-ئورۇندا تۇرىدۇ . باشقا ئاساسلىق تەبىئىي بايلىقى يەنە تۆمۈر ۋە باشقا قېزىلمىلار ،يەنە تەبىئىي گاز ، نىفىت ، ئالماس قاتارلىق قىممەتلىك بايلىقلارمۇ بەك مول . ئەمما ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ، ھازىرقى زامان يېزائىگىلىكى ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك سانائىتى ، ھازىرقى زامان سانائەت قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى ئاساس قىلىدۇ .
 
تەرجىمە قىلغۇچى : ماھىرە توختى
altikin altikin
تورداشلار باھاسى(0) باھا ئېلان قىلىمەن

ئەزا ئىسمى :
powered by IlgharCMS 2.85 www.ilghar.cn